ئەنگىليەنىڭ ياۋرۇدىن چېكىنىشىگە قارىتا ئاممىۋى بىلەت تاشلىنىدۇ

sayibjamal 2016-05-25 18:27:32

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى بانكا باشلىقى مارك كارنىي سەيشەنبە (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئەنگىلىيە مەيلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشىنىڭ ئومومي خەلق بىلەت تاشلىشى (6-ئاينىڭ 23-كۈنى پەيشەنبە ئۆتكۈزۈلىدۇ)نىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسى فونىدسىرلىڭغا قارىتا ئارلاشماسلىق پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.
تاشقى پىرۋوت ئوينىغۇچىلار ۋە تاشقى پىرۋوت سودا سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ھەر ئىككەيلەن پېرۋوت بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىگە قارىتا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى ئويلايدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇ رايونىدىن چېكىنىشىمۇ يېقىندىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم مالىيە، بازار ھەتتا سىياسەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.
ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر ئەنگىلىيە 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەڭ ئاخىرىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى تاللىسا، ئۇنداقتا فوندسىرلىڭ چۈشۈشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.