ئامېرىكا كۆممىقۇناق تېرىش ئەھۋالى

karima 2016-05-25 19:00:05

\


ئامېرىكا مېنىستىرلىقى ئېلان قىلغان زىرائەت ئۆسۈش ھەپتىلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىل 5-ئاينىڭ22-كۈنىگىچە بولغان، ئامېرىكا ئاساسلىق كۆممىقۇناق ئىشلەپچىقىرىدىغان 18 رايوننىڭ كۆممىقۇناق تېرىش قەدىمى %86 بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە %75 بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدە %90 بولغان، ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېرىش قەدىمى %85 بولغان. بۇ ئاساسلىق كۆممىقۇناق ئىشلەپچىقىرىدىغان 18 رايون 2015-يىل ئامېرىكا پۈتۈن كۆممىقۇناق تېرىش كۆلىمىنىڭ %93 نى ئىگەللەيدۇ.

ئامېرىكا ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئىللىنوئىس كۆممىقۇناق تېرىش قەدىمى%89 ؛ ئىندىئانانىڭ تېرىش ئەھۋالى %62 تاماملىنىپ بولغان؛ ئىئوۋا تېرىش ئەھۋالى %96 تاماملىنىپ بولغان.

دوكلات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، رېيتېر ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تەھلىلچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرىدە ئامېرىكا كۆممىقۇناق تېرىش قەدىمى %88 كە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، مۆلچەرلىنىش دائىرسى %85 بىلەن %96 ئارلىقىدا.

يەكشەنبە كۈنىگىچە، ئامېرىكا كۆممىقۇناق ئۈنۈش نىسبىتى %60 بولغان، ئالدىنقى ھەپتىدە %43 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە %69 بولغان، ئۆتكەن بەش يىللىق ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرچە قىممەت %55 بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.