نېفىت بازار ئەھۋالىغا نەزەر

karima 2015-10-06 12:47:16

\


تۆنۆگۈن دۇنيا پايچېكى بازىرى ئەسلىدىكى كۈچلۈك ھالىتىگە قايتىپ كەلدى،جۇڭگو پايچېكى بازىرىنىڭ داۋاملىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشىدىن باشقا ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان پايچېكى بازىرىدىن، ياۋرۇپا پايچېكى بازىرى،ئامېرىكا پايچېكى بازىرىغىچە ھەممىسى بىر پارچە" ئۆسۈش " كەيپىياتىغا چۆمدى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدىغان تاۋارلار قايتا ئۆسۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى.بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى2.5% ئېشىپ،49.25 دوللار/ تۇڭ بولدى.9- ئايلىق غەيرىي يېزا- ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن ، بازار ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى ئاللىقاچان " كىچىكتىنمۇ كىچىك" قالدى دەپ قاراشقا باشلىدى،بۇ بازارنىڭ خەۋپ- خەتەر كەيپىياتىنىڭ ياخشىلنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(TPP) دۈشەنبە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئامېرىكا ياپۇنىيە قاتارلىق 12 دۆلەت TPP توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، لېكىن بۇ ھەقىقەتەن ئاتالمىش ئەركىن سودا بولامدۇ ؟

ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 0.72 دوللار يۇقىرلاپ،46.26 دوللار/تۇڭ بولدى؛ بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى1.12 دوللار ئۆسۈپ،49.25 دوللار بولدى؛ئامېرىكا قەرەللىك بېنزىن باھاسى 3% ئۆرلەپ،نېفىت باھاسى ۋە باشقا تەييار ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردىمى بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.