جۇڭگو يوق سودا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا قانداق ئەھمىيىتى بار

ablat 2015-10-06 12:29:51

\

بېيجىڭ ۋاقتى 5-چېسلا كەچ، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى 12 دۆلەت، تىنچ ئوكياننى ھالقىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (TPP) دە ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىككە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. TPP غا ئەزا 12 دۆلەت: بىرۇنېي، چىلى، سىنگاپور، يېڭى زېلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، پېرۇ، ۋىيېتنام، مالايسىيا، مېكسىكا، كانادا ۋە ياپونىيە قاتارلىقلار بولۇپ، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئىقتىسادى كۈچى ياكى سىياسىي تەسىر كۈچى جەھەتتىن ئېيتقاندا، TPP دىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور دۆلەتلەر شۈبھىسىزكى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە.

ئامېرىكا TPP ئارقىلىق 21-ئەسىر سودا كېلىشىمىنىڭ ئۆلچەملىك ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئەمگەك ئۆلچىمى ۋە يېشىل مۇھىت ئۆلچىمىنى مۇھاكىمە قىلىش سۆھبىتىنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. جۇڭگو ئالدى بىلەن ئۆزى پىلان تۈزۈپ، تاقابىل تۇرۇش چارىسى بېكىتىشى كېرەك. كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى كارخانىلار بەلكىم ئەمگەكچىلەر ئۆلچىمى ۋە مۇھىت ئۆلچىمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا دۇنيانىڭ «رەھبىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشنىڭ سىرتىدا قېلىشتىن ئەنسىرىگەن، شۇ سەۋەبتىن سىنگاپور ۋە كورېيە بىلەن FTA كېلىشىمى ئىمزالىغان، تايلاند قاتارلىقلار بىلەن ئاكتىپ ھالدا FTA سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئاساسىي كۈچكە موھتاج، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقچى. TPP دىكى يېتەكچىلىك مەسىلىسىدە، جۇڭگو بەلكىم ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە تىركىشەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بازىرىنى ئاچالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان خەلقئارالىق بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

TPP كېلىشىمى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەركىنلىشىش جەريانىنى تېزلىتىدىكەن. TPP سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ نۇقتىلىق دىققەت قىلىدىغىنى تېز يوللانما، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېلېگرامما مۇلازىمىتى، كۆرۈش-ئاڭلاش مۇلازىمىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئۆلچىمى. جۇڭگو ھازىرقى زامان مۇلازىمەت تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ئىقتىسادى بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتتە مۇستەھكەم دۆلەت ئىچى كەسىپ تايانچىسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.