بۇ يەردە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن پەقەتلا 13 سائەت كېتىدۇ

ablat 2015-10-06 12:57:15

\

ھەممىگە تونۇشلۇق بولغىنىدەك، دۆلىتىمىزنىڭ شوپۇرلۇق ئىمتىھان تۈزۈمى بارغانسېرى قاتتىقلىشىۋاتىدۇ، ئەگەر سىز شوپۇرلۇقنى يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە بېرىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش يولى ئېچىلغان بولۇپ، كورىيە ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

2011-يىلى كورىيە ھۆكۈمىتى پەقەت 13 سائەت رەسمىي تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتسىلا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىشنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا كورىيە يەنە مەيدان ئىچىدە ئىقتىدار سىناش سىناق تۈرىنى چوڭ كۆلەمدە ئاددىيلاشتۇردى، ھەتتا بەزى كىشىلەر بۇنى «كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ» دەپ تەسۋىرلىدى.

شۇڭا ھازىر دۆلەت ئىچىدە «كورىيە 7 كۈنلۈك شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ساياھىتى» دەپ ئاتىلىدىغان ساياھەت تۈرى 7 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە بولغان باھادا ناھايتى تېز سېتىلىۋاتىدۇ.

كورىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكسىغا ئاساسلانغاندا، قىسقا مەزگىللىك ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كورىيەگە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغىلى كەلگەن چەتئەللىكلەر 2009-يىلىدىكى 55 ئادەمدىن 2014-يىلى 4949 ئادەمگە چىققان. 2014-يىلى بىر يىلدىلا 4662 جۇڭگولۇق (%92) كورىيەگە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن بارغان.

ئۇنداقتا كورىيەدە ئالغان كىنىشكىنى جۇڭگودا ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، دۆلەت ئىچىدە پەقەت قاتناش قائىدىسى يېزىقچە ئىمتىھانىدىن ئۆتسىلا، كورىيە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى جۇڭگو شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

گەرچە كورىيەگە بېرىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ھەقىقەتەن قولايلىق ھەم ۋاقىت تېجىسىمۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئارانلا 13 سائەتلىك ئۆگىنىشكە تايىنىپ يېڭىياچە ئۆگەنگۈچىنى بىخەتەر قاتناش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى، بۇنداق تېز سۈرئەتتە كىنىشكە ئېلىشنىڭ بىر تۈركۈم «يول قاتىللىرى» نى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرىدى.

كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، جۇڭگو كورىيەنىڭ قىسقا مەزگىللىك تۇرىدىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ كورىيەدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بىراق كورىيە ساقچى تەرەپ بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:«ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، قىسقا مەزگىل تۇرىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ كورىيەدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىنى توسۇشقا ئامال يوق». مۆلچەرلىنىشىچە كورىيەگە بېرىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.