غەيرى- يېزا ئىگىلىك تەسىرى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ

rabigul 2015-10-06 13:01:22

\

گەرچە ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان غەيرى- يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىن تۆۋەن چىققان بولسىمۇ، لېكىن دوللار زور دەرىجىدە تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىمىدى، دوللار كۆرسەتكۈچى تۈنۈگۈن كىچىك دائىرىدە بېسىمغا ئۇچراپ 95.45 غىچە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئارقىدىنلا تېز سۈرئەتتە 95.90 غىچە يۇقىرى ئۆرلىدى. 9-ئايلىق غەيرى- يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يەنىلا بۇ يىل ئىچىدە ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن.

بىراق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، غەيرى- يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتنىڭ پايدىسىز تەسىرى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، دوللارنىڭ ۋاقتىنچە مۇقىم يۆنىلىشتە بولىشى نۆۋەتتىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ پەسەيگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

غەيرى- يېزا ئىگىلىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ قانداق ئىپادە بىلدۈرۈش مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆسۈم قوششنى يېتەكچى ئامىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەگەر بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان مەيدانى ئاجىزلىشىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.