2015-10-06 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى

aliya 2015-10-06 14:36:08

\

ئاساسى ئانالىز

تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولدى،جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقىپ،ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى چوڭ زەربىگە ئۇچراپ،ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن،بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە يىغىن مۇھىم خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ،نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈن ئۇچۇر جەھەتتە ئاۋسترالىيە 10 - ئايلىق تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى،ئەنگلىيە9-ئايلىقHalifax پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ ئايلىق نىسبىتى،ئامېرىكا8-ئايلىق سودا ھېساباتى قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى1130-1141 دوللار ئارلىقدا تەۋرەندى،چۈشۈش بوشلىقى كۆپ بولمىدى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى بىراق دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچىمۇ كۆپ چۈشمىدى ئەكىسچە مۇسبەت سىزىق ھالىتىدە بازار يىپىلدى،بۇ .ئالتۇن باھاسىغا بەلگىلىك بىسىم بولىدۇ. ئالدىنقى ھەپتىدىكى غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتى ئامىرىكىغا پايدىسىز بۇلۇپ ئامىرىكىنڭ ئۆسۈم قارارىنى كىچىكتۈرۈلگەن،بۇ ئامىرىكىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرلا ئامىل ئەمەس شۇڭا دوللارنىڭ چۈشۈشىمۇ كۆپ بولمىدى يەنە بۇنىڭدىن كىينكى باشقا سانلىق ئۇچۇرلارغىمۇ قارايمىز.

ئالتۇن باھاسى بۈگۈن يەنىلا 1128-1130 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچىرايدۇ.

2.كۈندۈزدىكى ۋەكەچلىك سودا تەھلىل VIP توپىغا يوللىنىدۇ،سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىنى شىركىتىمىزنىڭ ئۈندىدارuyaltun ۋە ئۇنىۋېرسال QQ توپى ( 37245183) غا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدىغان نۇقتىلار1147 ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدىغان نۇقتىلار1122

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.