ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسى مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ قالدى

karima 2015-09-09 12:05:03

\

خەلقئارا نېفىت باھاسى 9- ئاينىڭ9- كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا مۇقىم ھالەتتە بولدى،گەرچە نېفىت ئېھتىياجى پەسىيىش ھالىتىدىن ئاشقان بولسىمۇ،بۇلۇنتې نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ تۆۋەن باھا 49.17 دوللار/ تۇڭ غا يېقىنلاشتى.

خەلقئارا نېفىت باھاسى2014- يىل 6- ئايدىن بۇيان ئومۇمىي چۈشۈش دائىرسى60% كە يېقىنلاشقان،سەۋەبى دۇنيا تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش مەسلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشقان،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پەسىيىش ئەندىشىسى دۇنيا پايچېكى بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە نېفىت باھاسىنى بېسىمغا ئۇچراتقان.

بۈگۈن بۇلۇنتې قەرەللىك نېفىت باھاسى NMYEX قەرەللىك نېفىت باھاسى بىلەن بولغان باھا پەرقى 3.50 دوللار/ تۇڭ بولۇپ، 1 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى بولغان.

ئاۋسترالىيە - يېڭى زېلاندىيە بانكىسى (ANZ) تەھلىلچىسى بۈگۈن ئىپادە بىلدۈرۈپ: " قەرەللىك نېفىت باھاسى يېقىندا ئامېرىكا ياز پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى پەللىسىنىڭ ئاخىرلىشىش تەسىرىگە ئۇچرىدى ، ئەمما ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بازار قايتا تەڭشەش قىلىپ يېڭى پەسىلنىڭ كىرىشىگە ماسلىشىشتىن بۇرۇن،تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدىغان تاۋارلار باھاسى يەنىلا تەۋرىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ." دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، بازار يېقىنقى مەزگىلدىكى روسسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق ھالدا ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىپ ، نېفىت باھاسىنى مۇقىملاشقا قوشۇلدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان، ئەمما بۈگۈن روسسىيە دۆلىتىنىڭ نېفىت بايلىقى Rosneft نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى روسسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يوققا چىقارغان.

OPEC نۆۋەتتە يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ،يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئارقىلىق ئاساسلىق رىقابەتچىسىنى مەغلۇب قىلماقچى بولغان،بولۇپمۇ ئامېرىكا سلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،يېقىندا مېكسىكا ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ۋاقتى09:51 دە،NYMEX قەرەللىك نېفىت باھاسى 46.01 دوللار/تۇڭ بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.