دوللار/ يېن پېرېۋوت باھاسى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ

aynisa 2015-09-09 11:55:27

\

( دوللار / يېن 60 مىنۇت خەرىتىسى مەنبەسى :FXStreet )

FX168 خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 9 -كۈنى چارشەنبە ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازاردا,دوللار/ يېن پېرېۋوت باھاسى 120.25 ئەتراپىدا تەكرارلاندى. ئالدىنقى سودا كۈنى دوللار/ يېن كەينىگە يېنىپ،مۇسبەت سىزىقتا ئۆرلىگەن،بۇنىڭغا ئەگىشىپ بازار خەۋپ-خەتەر تۇيغۇسىمۇ تەڭ ئۆرلىگەن.نۆۋەتتە پېرېۋوت باھاسى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ.

FXStreetباش تەھلىلچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :4 سائەتلىك رەسىمدىن قارىغاندا ,تېخنىكا كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا ئوق ئۈستى تەرىپىدە بولۇپ،ئەگەر دوللار / يېن120.40 نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتەلىسە، پېرېۋوت باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى چۈشۈش يۈزلىنىشىنى % 50كەينىگە ياندۇرالايدۇ.پېرېۋوت باھاسىنىڭ 121.00نۇقتىسىغا يېقىنلىشىشىغىمۇ ئۈمۈد تۇغۇلىدۇ.

بۈگۈنكى دوللار/ يېن پېرېۋوت باھاسى:

تىرەش نۇقتىسى:119.65 119.25 118.90

بۆسۈش نۇقتىسى:120.40 120.85 121.00دەپ مۆلچەرلەندى.

بېيجىڭ ۋاقتى 08:15دە,دوللار/ يېن پېرېۋوت باھاسى120.24/26ئەتراپىدا بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.