ئالدىنقى ھەپتە روسىيە بۇغداي ئېكسپورت باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالىتىنى ساقلىدى

rabigul 2015-09-09 12:08:11

\

تەھلىلچى مۇنداق دېدى، ئالدىنقى ھەپتە روسىيە بۇغداي ئېكسپورت باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ھالىتىنى ساقلىدى، شۇنداقلا رۇبلى پېرېۋوت نىسبىتىمۇ مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، چۈنكى بازار ھۆكۈمەتنىڭ بۇغداي ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى ئازايتىش - ئازايتىماسلىقنى بېكىتىشنى كۈتۈۋاتىدۇ.

بەزى ئېكسپورت سودىگەرلىرى ئالدىنقى ھەپتە بۇغداي سېتىشنى باشلىدى، ئۇلار ئۈمىدۋار ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى : ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەمدە بۇغداي ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى ئازايتىشى مۇمكىن. بۇغداي ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېكسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئامالسىز رۇبلى پېرېۋوت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى ۋە بۇغداي مول ھوسۇللۇقى ئىچىدە تولۇق پايدىغا ئېرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتى IKAR مۇنداق دېدى، ئاقسىل مىقدارى %12.5 بولغان روسىيە بۇغداي باھاسىنىڭ ھەر توننىسى 181 دوللار بولۇپ، FOB باھاسى بۇ بىر ھەپتە ئالدىنقى ھەپتىدىن 1 دوللار ئۆرلىدى. لېكىن باشقا باشقا بىر ئاپپاراتى SovEcon مۇنداق دېدى، بۇغداي ئېكسپورت باھاسىنىڭ ھەر توننىسى 180 دوللار بولۇپ، بۇ بىر ھەپتە ئالدىنقى ھەپتىدىن 1.50 دوللار تۆۋەنلىدى.

روسىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ ئىشنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلاشتى. روسىيە بۇغداي ئېكسپورت تاموژنا بېجى بۇغداي تاموژنا باھاسىنىڭ يېرىمى ئاساسىدا 5,500 رۇبلىنى ئازايتتى، لېكىن ھەر توننا بۇغداينىڭ ئېكسپورت تاموژنا بېجى يەنىلا 50 رۇبلىدىن تۆۋەن ئەمەس.

روسىيە تاموژنا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈندىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە بولغان مەزگىلدە، روسىيە ئاشلىق ئېكسپورت مىقدارى 5 مىليون 780 مىڭ توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي ئېكسپورت مىقدارى 4 مىلىيۇس 350 مىڭ توننا ئازايغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.