ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

zumrat 2015-09-09 12:45:25

\

9-ئاينىڭ9-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە بازار تەڭشەش ھالىتىدە بولۇپ 1123دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن.ئاخشام جۇڭگو مالىيە سىياسىتىنى قوزغاتتى،بۇ پۈتكۈل دۇنيا پاي چەك بازىرى نېفىت باھاسى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقىرىلغان تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى،ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى پەسىيىپ ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن.بۈگۈن ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ۋە سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش سانلىق مەلۇماتى.ئامېرىكا سودا بازىرى ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنىكانادا مەركىزىي بانكىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى،بۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار يوق،ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى كىچىك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.