نېفىت باھاسىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى يۆلىنىش ئەھۋالى بۇنىڭغا قاراڭ

kudret 2018-05-11 18:10:42

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 6‏-ئايلىق wti قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.22 دوللار ئۆرلەپ، 71.36 دوللار\باك بولدى. برېنت 7‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.26 دوللار ئۆرلەپ، 77.47 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكانىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى ھەم قەرەللىك نېفىت چەكلەنگەن ماي زاپاس مىقدارىنىڭ ئورتاق ھالدا چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى نېفىت باھاسىغا ئۈنۈملىك تىرەش ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك رىەش ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا wti قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 71.86 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەلللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 78 دوللار\باك بولدى.
جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرى سودا ۋاقتىدا. ئامېرىكا wti قەرەللىك نېفىت باھاسى 70 دوللاردىكى نۇقتىدىن يۇقىرغا قاراشنى ئاساس قىلدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى كۈنى 78 دوللاردىكى باھادا تەۋرىنىش ئېلىپ بارىدى. يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە نېفىت باھاسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چىكىنىپ چىقىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەندىشە كەيپىياتىنى قوزغۇشى سەۋەپچى بولدى.
نېفىتنىڭ كەلگۈسى ئەھۋالىغا قارىتا، ئامېرىكا بانكىسى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە ئىپادىلىنىشىچە، كېلەر يىلى 100 دوللار\باكتىكى باھاغا يېنقىنلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ 2014‏-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە، چۈنكى ۋېنېسۇئېلا ۋە ئىران بىلەن تەمىنلەش خېيىم - خەتىرى دۇنيادىكى بازىرىدا جىددى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى.
ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ئىپادىلىشىچە دۇنيادىكى نېفىت زپاس مىقدارىنىڭ ئازىيشىغا ئەگىشىپ، برنېت قەرەللىك نېفىت باھاسى 2019‏-يىلى ئككىنجى پەسلدە 90 دوللار باكتىكى باھاغا چىقىشى مۇمكىن دېدى.
ئامېرىكا بانكىسىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قاراش opec نىڭ مەھسۇلات ئشىلەپ چىقىرش مىقداىرنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىگە باغلىق ھەم ئامېرىكانىڭ ئىراننى جازالىشىنىڭ تەسىرى بەلگىلىك بولشىنى ئاساس قىلغان، مۇشۇ ئاساستا نېفىت باھاسى بەلكىم يەنە بىر قەدەم ئۆرلىشى مۇمكى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.