رۇسيە دوللار بىلەن «ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى

parida 2018-05-11 17:34:54

\

يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا-رۇسيە مۇناسىۋىتىنىڭ «توڭلاش» نۇقتىسىغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇيىل 4-نۆۋەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان جازالاش بېسىمىغا قارىتا قىلچە يوشۇرمىغان ھالدا دوللاردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىزچىل ھالدا كۆپ مىقداردا ئالتۇن سېتىۋالغانلىقتىن، رۇسيەنىڭ ئالتۇن زاپسى 2000 توننىغا يېقىنلاشقان.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى جازالاش تەدبىرى ۋە سىياسىي غەرەز بىلەن سودىنى چەكلەش قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىقتىسادىي ئېگىلىك ھوقۇقى»نى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن دوللار بىلەن «ئالاقىنى ئۈزۈش» ئىنتايىن زۆرۈر.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.