شۆھرەت زاكىر جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھىنىڭ لىدىرى جاڭ سۇڭشىن بىلەن كۆرۈشتى

parida 2018-05-11 18:14:54

\

ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، لىدىرى، جۇڭگو ئالتۇن جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋە باشلىقى جاڭ سوڭشىن بىلەن كۆرۈشتى. شۆھرەت زاكىر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جاڭ سوڭشىن ئەپەندىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيىنىڭ 18-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت كادىر-ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى ساغلام، پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى پۇختا ئېلىپ بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. بىز جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

\

جاڭ سوڭشىن جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. جاڭ سوڭشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچى كامىل، گۇرۇھىمىز مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جايلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.