سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسىنىڭ نېفىت باھاسىغا بولغان تەسىرى

kudret 2018-04-05 16:52:06

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 5‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.14 دوللار تۆۋەنلەپ، 63.37 دوللار\باك بولدى. برېنت 6‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.04 دوللار تۆۋەنلەپ، 67.98 دوللار\باك بولدى. ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلەپ كېتىشى يەنىلا ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز ئامىلغا تەسىر يەتكۈزەلمىدى، بىراق دوللار باھا تەۋرىنىشىنىڭ ئاجىز بولىشى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېىركا پاي بازىرىنىڭ ئۆرلىشىمۇ بازاردىكى ئەندىشە كەيپىياتىنى ئۆزگەرتتى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 62.06 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 66.69 دوللار\باك بولدى.
ئامېرىكا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى EIA چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3‏-ئاينىڭ30‏-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 4مىليون617مىڭ باك ئازىيىپ 42مىليارد 53مىليون باك بولغان، بازار مۆلچەرىدىن 264مىڭ باك كۆپەيگەن. ئامېرىكا بېنزىن زاپاس مىقدارى 1مىليون 116مىڭ باك ئازىيىپ، ئۇدا تۆۋەنلىگىنىنىڭ 5 ھەپتىسى بولدى، بازار مۆلچەرىدىكىدىن 1مىليون 264مىڭ باك بولدى.
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى Baker Hughes نىڭ سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، 3‏-ئاينىڭ30‏-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكا نېفىت ئامېرىكا نېفىت بۇرغۇلاش سانى 6 تال ئازىيىپ 798 تال بولدى، ئىككى ھەپتە قوشۇلغاندىن كېيىن قايتىدىن تۆۋەنلىدى. كۆپلىگەن سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشچە، 3‏-ئاينىڭ30‏-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا نېفىت ۋە تەبىگاز بۇرغۇلاش ساىنى 2 تال ئازىيىپ 993 تال بولدى. ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش ۋاقتىدىكىدىن 824 تال كۆپەيدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.