شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 432 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

parida 2018-04-05 15:59:36

\

شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 432 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، 146 مىڭ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭمۇ كەم قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 432 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجراتقان. ياردەم پۇلى ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 146 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پەن-مائارىپ-مەدەنىيەت باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش خىزمىتى نىشانى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2018-يىلى ئاجرىتىلغان مەبلەغتىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىدۇ.
2017-يىلى، ئاپتونوم رايون يەسلى مائارىپى باسقۇچى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم كەسپىي مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى، ئالىي مائارىپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇغۇچىلارغا جەمئىي 6 مىليارد 244 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، 69 مىليون 203 مىڭ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزگەن. ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئۈچۈن، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.