خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2018-04-05 15:56:22

\

قاتار ئېنىرگىيە مىنىستېرى: ئوپېك تەشكىلاتى بىلەن رۇسيەنىڭ دائىملىق ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇش پىكىرىنى قوللايمىز؛ دۇنيا نېفىت ئېھتىياجى يىلىغا ئاز بولغاندىمۇ كۈنىگە بىر مىليۇن 500 مىڭ تۇڭ يەنى %1.5 لىك مۇقىم سەۋىيىدە ساغلام ئېشىشى مۇمكىن؛ 400 مىليارد دوللارلىق دۇنيا نېفىت مەبلىغى كۆلىمى يەنىلا ناھايىتى ئاز، چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە يېڭى تۈرنى يولغا قويۇشقا كېرەكلىك مەبلەغ مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ؛

رۇسيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرى: رۇسيە دېپلوماتىيە مىنىستېرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسيە ھەربىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى، ئامېرىكا بىلەن رۇسيەنىڭ «يېڭى ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى» غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن؛

رۇسيە دېپلوماتىيە مىنىستېرى: ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەقسىتى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش؛ رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئستراتېگىيىلىك سۆھبەت پىلانى سىياسىي سۈيقەستنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك؛

كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:47 دە، كورىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىردانە f-15k تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانى كيوڭساننىڭ شىمالىدىكى بىرجىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن؛

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، رۇسيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى بىر مال سېتىۋىلىش مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تېزلىكتە نەقمەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان؛

يەرشارى تورى: شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، رۇسيە ئامېرىكا دېپلوماتىيە مىنىستېرلىقىنىڭ 60 نەپەر ئەمەلدارىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ساينت پېتېربۇرگدىكى كۇنسۇلخانىسىنى تاقىۋىتىدىغانلىقى ئېلان قىلدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.