سودا ئۇرۇشى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى

rabigul 2018-04-05 16:59:32

\

پەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 5-كۈنى) بازار ئامېرىكا ئەتە ئىلان قىلىدىغان غەيرى يېزا- ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن ئىلگىرى ئېھتىياتچانلىقنى ساقلىدى، دوللار 90 نىڭ ئۈستىدىكى ئۆتكەلدە مۇقىم تەۋرەندى، ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇللار مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ساقلاۋاتىدۇ.
مۇشۇ قېتىملىق غەيرى يېزا -ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى پۇللارنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە؛ BK مەبلەغ باشقۇرۇش تاشقى پىرۋوت تاكتىكىسى باش دېرىكتورى Kathy Lien مۇنداق كۆرسەتتى؛ چارشەنبە كۈنى بازاردىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر بولسا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا 50مىليارد دوللار تاموژنا بىجى ئىلىش ھەققىدىكى خەۋەر، ئارقىدىنلا جۇڭگومۇ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئېلان قىلدى، بىراق كەلگۈسىدە جۇڭگۇ-ئامېرىكا بەلكىم تىخىمۇ تىنىچ بولغان بىر مەزگىلگە كىرىشى مۇمكىن، بۇ خەۋپ - خەتەر مايىللىق كەيپىياتى ۋە پاي چېكى بازىرىغا پايدىلىق.
گەرچەADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ADP سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ 3 - ئايلىق Markit مۇلازىمەت كەسپى PMI دوكلاتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈر كۆپەيدى، ھەم ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى تۆۋەنلىدى،بۇ مۇشۇ ھەپتىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىدا يۇقىرى ئۆرلەش خەۋپ -خەتەرنىڭ ساقلانغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ، بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن پايدىلىق، جۈمە كۈنىدىكى غەيرى يېزا- ئىگىلىك دوكلاتىمۇ باشقا پۇللارنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.