نېفىت باھاسى چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىدى

xayida 2017-12-27 17:51:32

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا خەلىقئارا نېفىت باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىدى ، سەۋەبى بېيخەي نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، لىۋىيە تەمىنلەش قىسقا ۋاقىت توختاپ قالغانلىق تەسىرىنى تۆۋەنلەتكەن . بىراق ،يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋالى ، دۇنيادىكى نېفىت بازىرىدا جىددىي كەيپىيات پەيدا قىلدى .

چارشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.5% تۆۋەنلەپ ، 66.12 دوللار\باك بولدى ، ئامېرىكاWTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.4% تۆۋەنلەپ ،59.72 دوللار\باك بولدى. سەيشەنبە كۈنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە لېۋىيەگە تەۋە بولغان نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇش تۇربۇسى پارتىلاپ كېتىپ ، شۇ كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى 2.7% ئۆرلەپ ، 67 دوللار\باك بولدى ، ھەمدە 2015يىلى5 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم چوڭ نىسبەتتە ئۆرلەش بولدى ، ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 2.6% ئۆرلەپ ، بىر مەھەل 60 دوللاردىكى چوڭ توسالغۇنى بۇزۇپ ، قايتىدىن ئىككى يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.