مىنشىن شىركىتىنىڭ جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئورنى

parida 2017-12-27 18:19:12

\

جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تەشكىلات - جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە ئىلمىي جەمئىيىتى 2106-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى شاڭخەينىڭ خۇاڭپۇ رايونىدا داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە يۇپۇق ئاچتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستېرلىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھەمدە بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. مىنشىن شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لېڭ لى تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەيئەت ئورۇنغا ۋاكالىتەن تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.
\
بۇ تەييارلىق كۆرۈش خىزمەت ئەھۋالى دوكلات قىلىنغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئېچىلغان ۋەكىللەر يىغىنى بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچى ۋەكىللەر ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئەھدىنامىسى، تەشەببۇسنامە، ئەزالار ۋە ئەزالىق بەدىلىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈم ۋە چارىلەرگە قاراپ چىقتى ھەمدە ئىپادە بىلدۈردى، تۇنجى قېتىملىق كېڭەش ۋە نازارەتچىنى سايلاپ چىقتى.
جۇڭگو ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتى جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇن-نىزام بۆلۈمى باش بولۇپ قۇرۇلغان، 2014-يىلى 4-ئايدا رەسمىي ھالدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئاساسلىق نىشانى ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ قېتىم قۇرۇلغان ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، قاپلىنىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، كەسپىي دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسى بىلەن ئەنئەنىۋى پۇل-مۇئامىلەنىڭ ھەمكارلىقىنى ۋە كەسىپنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

\

مىنشىن شىركىتىنىڭ باش لىدىرى لېڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزاسى بولغانلىقىمىزدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمىز، بۇ كەسىپ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىنىڭ مىنشىننى ئېتىراپ قېلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كەسىپنىڭ قائىدىلىك، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، كەلگۈسىدە مىنشىن شىركىتى خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىشتا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەلەپچان بولۇش نىزامى ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەلىپىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.