ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن

zumrat 2017-12-27 18:44:52

\

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چارشەنبە (12-ئاينىڭ 27-كۈنى(ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا1280دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىدا بازار تەڭشەش ئېلىپ باردى. سەيشەنبە كۈنى دوللارنىڭ ئاجىز بولىشى، يەرلىك سىياسى ۋەزىيەت خەۋپ-خەتەرنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىق ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى ئەڭ يۇقىرى 1283دوللار ئەتراپىغا چىققان.

دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى تۆۋەنلىشىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى 1280دوللاردىكى ھالقىلىق نۇقتىدىن يۇقىرى ئۆرلەپ، شۇ كۈنلۈك بازار يېپىلىش باھاسى 1281دوللاردىن يۇقىرى بولىشى، ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن، ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى نىشانى 1299.2دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن، ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1272دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلىسا كېيىنكى قەدەمدە 1263دوللار ئەتراپىغىچە چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونتروللىقىدىكى ئامېرىكا ئاۋام پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە چارشەنبە كۈنى بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھىسىنى تەستىقلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.