خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-12-27 16:51:41

\

گېرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرى: ئەگەر گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھات پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلسا، ئۇنداقتا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئىتتىپاق تەشكىللەشكە قاتناشمايدۇ؛
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ مالىيە ۋەزىرىنى كۈتۈۋالغان، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇغان؛
كورىيە مالىيە مىنىستېرلىقى: 2018-يىلى ئىقتىسادنىڭ تەخمىنەن %3 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى؛ مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەمدە ئەمگەك كۈچىنىڭ قىسقىرىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ قويدى؛
دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستېرلىقى: ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلمىي دوكلاتى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلار ئۆي-مۈلۈك بېجى ئېلىش زۆرۈر شۇنداقلا رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىدى؛
گولدمان گۇرۇھى: تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېشىپ قېلىش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە،كانادا،يېڭى زېللاندىيە ۋە شىۋىتسيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيىسىدىن ئاشتى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.