كېلىشىم ئۇزارتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولدى

xayida 2017-11-22 15:31:08

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى خەلىقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ، بۇ ھەپتە مىننەتدارلىق بايرىمى بولغانلىقى سەۋەبىدىن نېفىت بازىرىدا تەۋرىنىش سۇس بولدى ، نۆۋەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى : ئامېرىكا ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ دوكلاتىغا قارىتىلدى . ئامېرىكاWTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 57.20 دوللار\باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 62.83 دوللار\باك بولدى .

يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت باھاسى بېسىمغا ئۇچرىدى ، سەۋەبى ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ ، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرOPEC تەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئىلىپ كەلگەن پايدىلىق تەسىرىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى .

مەبلەغ سالغۇچىلار نۆۋەتتە OPEC تەشكىلات ئاي ئاخىرىدا يولغا يۈرگۈزىدىغان يىڭى سىياسىتىنى ساقلىدى ، گەرچە نېفىت بازىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرىدە OPEC تەشكىلات نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىم يۈرگۈزۈلۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما تاساددىپىي ئەھۋاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.