شىۋىتسارىيە بانكىسى ئەڭ يېڭى ئالتۇن باھاسى مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى

parida 2017-11-22 15:36:03

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 22-كۈنى) شىۋىتسارىيە بانكىسى گۇرۇھى (UBS) ئەڭ يېڭى ئالتۇن باھاسى كۆزلىمىسى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا يەنە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2018-يىلنىڭ بېشىغىچە ئالتۇن بازىرىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا تەھلىل يۈرگۈزدى. مەزكۇر بانكىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالتۇن باھاسى يىل ئاخىرىدىن 2018-يىلنىڭ بېشىغىچە 1300 دوللارغا چىقىشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەن: 1. دوللارنىڭ كاساتلىشىشى؛ 2. ئامېرىكىنىڭ نامدىكى ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى، بولۇپمۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن؛ 3. دۇنيا پايچەك بازىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى؛4. ئامېرىكا مالىيەسى ۋە سىياسىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋرۇپانىڭ ئەڭ يېڭى سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. شىۋىتسارىيە بانكىسى گۇرۇھىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالتۇن بازىرىنىڭ چېكىنىشى ۋە كېيىنكى مۇقىملىشىشى ئادەتتە تەرتىپلىك بولىدىكەن.
ئەڭ يېڭى CFTC سانلىق مەلۇماتىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتىدە، ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ ئىسكىلاتى دەسلەپكى قەدەمدە قايتا قۇرۇلغان. سودىگەرلەر كەيپىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ھەمدە قۇرۇق تولۇقلاشقا نىسبەتەن ئىككىلىنىشمۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولغان، بۇ ئارقىلىق ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان، ئومۇمىي تېخنىكىلىق ئەندىزىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، قىسمەن پەسىل خاراكتېرلىك ئېھتىياجمۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.