تىرامپ يەنە چاۋشيەننىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

parida 2017-11-22 12:48:28

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ كابېنت تەشكىللەش سۆھبىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېللىن مۇھىم بىر قارارنى يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى پاۋېل كېلەر يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. يېللىن يەنە بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى سائەت 07:00 دە بايانات ئېلان قىلىدۇ. تەھلىلچىلەر يېللىن باياناتىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىشى مۇمكىن، يېللىننىڭ باياناتى دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئەمما پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى بۇلار بولماستىن، بەلكى ئامېرىكىنىڭ رۇسيە بىلەن بولغان «خۇسۇسىي ئالاقىسى»، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەيلى يېللىننىڭ سۆزى بولسۇن ۋە ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى بولسۇن، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئامېرىكىنىڭ رۇسيە بىلەن بولغان «خۇسۇسىي ئالاقىسى»، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق «قەرەللىك بومبا»دىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇرقى چوڭ سايلام مەزگىلىدە رۇسيە بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىك مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ۋاقتى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدىكەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارى Moorer نى تەكشۈرۈش ۋاقتى كېلەر يىلىغا سوزۇلىدىكەن.
رۇسيە بىلەن بىلەن بولغان «خۇسۇسىي ئالاقە»دىن باشقا، چاۋشيەن مەسىلىسىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ دۈشەنبە كۈنىدىكى بىر قېتىملىق باياناتىدا، چاۋشيەننى «يادرو قورالى بىلەن دۇنياغا تەھدىت سالغاندىن باشقا، ئىزچىل تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى قوللاپ كەلگەن دۆلەت» دەپ كۆرسەتتى. تىرامپنىڭ چاۋشيەنگە بەرگەن باھاسى ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ پيوڭياڭدىكى يادرو قورالى ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.