قارا بوراندىن كېيىن خام نېفىت ئېھتىياجى ئاشتى

parida 2017-09-15 17:14:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا قارا قۇيۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، بازارنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ئالدىنقى كۈنىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنى ساقلىدى.
جۈمە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %1 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 54.89 دوللار بولغان، بىر كېچىدە يەنە %0.6 ئۆرلەپ، ئاخىرقى باھادا ھەر تۇڭى 55.47 دوللار بولغان، 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۈمە كۈنى ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %0.5 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭى 49.63 دوللارغا چۈشتى، ئەمما بىر كېچىدە يەنە %1.2 ئۆسۈپ، سودا داۋامىدا ۋاقتىنچە 50 دوللاردىن ئاشتى ھەمدە تۆت ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.
نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) 2018-يىلى نېفىت ئېھتىياجى داۋاملىق ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى ھەمدە يەرشارى نېفىت بازىرىدا نېفىت قىس بولۇپ ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە (OPEC) تەشكىلاتى ۋە غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمى نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.