فىرانسىيەنىڭ كورسىكا ئارىلىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

parida 2017-09-15 17:25:23

\

فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ كورسىكا ئارىلىدا شۇ يەر ۋاقتى 13-سېنتەبىر كەچ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 150 ئادەم جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان.
كورسىكا ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي مەزكۇر ئارالنىڭ جەنۇبىدىكى بونفاكوس پورتى بولۇپ، ئوت ئاپىتى سىپېرنىن گولف توپ مەيدانىغىچە يامراپ كەتكەن، ئوت كەتكەن جاينىڭ كۆلىمى 40 گېكتاردىن ئاشىدىكەن. شۇ جايدىكى ساقچى تارماقلىرى 13-سېنتەبىر كەچ 150 ئادەمنى جىددىي تارقاقلاشتۇرغان. ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلمىگەن، پەقەت بىر ئوت ئۆچۈرگۈچىدە ئازراق بىئارام بولۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن.
14-سېنتەبىر سەھەرگىچە، ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ بولۇنمىغان، يەرلىك ھۆكۈمەت ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنى ۋە تىك ئۇچارىنى قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتۇرغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كورسىكا ئارىلىدا 7-ئاي كىرگەندىن بېرى، كۆپ قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئوت كەتكەن جاينىڭ كۆلىمى 9 مىڭ گېكتاردىن ئېشىپ كەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.