بۇ قېتىمقى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟

parida 2017-09-15 17:55:40

\

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى بازارنىڭ كۈتكىنىدەك بولدى، قارا قۇيۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، CPI كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا سىزىقى تۆۋەنلەپ 1315.57 دوللارغا چۈشكەن ئىدى، ئەمما جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) چاۋشيەن يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەچكەن، پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئالتۇن باھاسى قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1333.77 دوللارغا چىقتى، ئەمما بۇ ئۆسۈش ۋەزىيىتى زادى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟
ئالتۇننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، گەرچە خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىم سىناق تەرىقىسىدە بومبا قويۇپ بېرىشى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئالدىنقى قېتىملاردىكىگە ئوخشاشلا بىر مەھەللىك ئەيىپلەشتىن كېيىن بېسىقىشى مۇمكىن، شۇڭا خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشمايدۇ، ئالتۇن باھاسى ئېھتىمال يەنە تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭىدىن باشقا، بۈگۈن كەچتە پۇل-مۇئامىلە بازىرى مۇھىم سانلىق مەلۇماتنى كۈتۈۋالىدۇ، بۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئالتۇن باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا، ئالتۇن باھاسى توسالغۇغا ئۇچرىشى 1320 دوللارغا چۈشۈشى مۇمكىن، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا، ئالتۇن باھاسى كېلەر ھەپتە داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ يەنىلا كەمچىل، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 9-ئايلىق ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئالتۇننىڭ يۆنىلىشىدە بەك چوڭ تەۋرىنىش بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.