ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى تۆۋەنلىدى

mukaram 2017-09-15 16:45:23
9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا چاۋشىيەن باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بەرگەنلىكتىن كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى ، بىراق چاۋشىيەن جىددى ۋەزىيىتى پەقەت كۈمۈش باھاسىغا ۋاقىتلىق تەسىر كۆرسەتتى ، تۈنۈگۈن ئىلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقتى .

\


ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى تۆۋەنلىدى

بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە ( 9-ئاينىڭ 14- كۈنى ) كەچ تەرەپتە ئامېرىكا 9-ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ( 10 مىڭ ) ئىلان قىلىندى ، كونكرېت سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ئالدىنقى قىممىتى 29.8 ، مۆلچەر قىممىتى 30 ، ئېلان قىلىنغان قىممەت 28.4 بولۇپ ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى تۆۋەنلىدى ھەمدە ئامېرىكا شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىقى پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئۇدا 132 ھەپتىلىك 300 مىڭدىكى ئۆتكەلدىن تۆۋەن بولۇپ ، 1970 -يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇشتەك يىڭىلىقنى ياراتتى . نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى : ئەمگەك كۈچى بازىرىدا تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېقىنلىشىش سەۋىيىسى يارىتىلدى .

\


كۈمۈش باھاسى يوشۇرۇن ھالدا ئۆستى

نەق مال كۈمۈشنىڭ بىر سائەتلىك گىرافىكىغا قارىغاندا بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گەرچە چاۋشىيەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن تىز سۈرئەتتە ئۆسكەن بولسىمۇ بىراق بۇ ۋەزىيەت كۈمۈش باھاسىغا داۋاملىق تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكتىن كۈمۈش باھاسى 17.77 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىپ شۇ كۈن ئىچىدە كىچىك دائىرىدە ئۆسۈپ ئۆسۈش نىسبىتى %0.2 ئەتراپىدا بولدى .

ئۇنىۋېرسال ئانالىز گەرچە ئامېرىكا يېقىندا قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ،بىراق ئاخشام ئلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى تەكلىپ سانلىق مەلۇماتى ئىپادىسى ياخشى بولدى ، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ قارا بوران بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋالى ئېغىر ، ھازىر چاۋشىيەننىڭ باقۇرلىدىغان بومبا قويۇپ بىرىشى كۈمۈش باھاسىنىڭ يۇقىىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى .

\


مەبلەغ سىلىشتىكى ياخشى ياردەمچىڭىز ئىلكان كاپىتالى !


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.