مارالبېشى ناھىيەسىدە كۆكتات سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى

parida 2017-09-15 16:39:46

\

مارالبېشى ناھىيەسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا تەربىيەلەش، تېرىش، پەرۋىش، يىغىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىش ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدىكى كۆكتات بازارلىرىنى ئېچىپ، ئۆز رايونىدا مەخسۇس سېتىش نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ، كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىشىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتاتچىلىقتىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ ناھىيە ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېزا – كەنتلەرنى بىرلىك قىلىپ، دېھقانلارنى سۈپەتلىك كۆكتات يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن قوراللاندۇردى. پارنىكتا كۆكتات يېتىشتۈرگۈچىلەرنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش، يول، سۇ، توكنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بېرىش بىلەن بىللە، ئېتىزدا كۆكتات تېرىغانلارغا تېخنىكا ئۆگىتىش، ۋاسىتىچىلەر قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سېتىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ پارنىك ۋە ئېتىز كۆكتاتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتتى. يېزا – بازارلارمۇ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كۆكتات يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقتىن، ھازىر ناھىيە بويىچە ئومۇمىي پارنىك 3364 كە يېتىپ، 3270 مو كۆلەمدىكى پارنىكتا كۆكتات يېتىشتۈرۈلدى.
يېزا – بازارلار ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىش بىلەن تەڭ دېھقانلارنى پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يالتىراق، ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىشقا يېتەرلىك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغانلىقتىن، ئېتىزدىكى كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمى 3500 موغا يەتتى. بۇ ناھىيە ئۆز نۆۋىتىدە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركەزلىرىدىكى تېخنىكلارنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈپ، ئۇلارنى دېھقانلارنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىقىغا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بازارنى سۈپەتلىك، يېشىل، زىيانسىز كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى ھەم كۆكتاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ناھىيە بويىچە پارنىكتا يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتاتلاردىن قىلىنغان كىرىم 18 مىليون 344 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.46 ئاشقان، ئېتىزدا يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ھەر موسىدىن قىلىنغان ئوتتۇرىچە كىرىم 2500 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.