مۇھىم قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-09-15 16:31:00

\

جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى: 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى تۈردىكى خەلق پۇلى قەرز قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى؛
ئەنگىلىيە قۇياش گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون مېتروسىنىڭ غەربىي لوندون رايونىدا پارتىلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛
رېيتېر ئاگېنتلىقى: ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى فوندستېرلىڭ سودا تەڭشەش كۆرسەتكۈچى بۇ ھەپتىدە %2.6 ئاشقان، 8 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان؛
ۋال سترېت كوچىسى تېز خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، تەھلىلچىلەر ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشى، خام نېفىت باھاسى تەۋرىنىشى مۇمكىن دەپ قارىدى؛
شىنلاڭ تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا چېگرا ئىچىدىكى بارلىق بىت تەڭگىسى سودا سۇپىلىرىنى تاقايدىكەن؛
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى: كورىيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييەن چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتنى قانات يايدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دېدى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.