EIA خام نېفىت زاپسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-10 12:36:59

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر مەركىزى (EIA) چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چەككىلەش زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشقانلىقتىن، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بازارنىڭ مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەككىلەنگەن ماي زاپسىمۇ ئازايغان، ئەمما بېنزىن زاپسى ئاشقان.
(EIA) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى 6 مىليۇن 451 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا 6 ھەپتە تۆۋەنلىگەن، بازاردا 2 مىليۇن 720 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ كۈندىلىك ئىمپورت مىقدارى 496 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئاشقاندىن كېيىن تۆۋەنلىگەن، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت ئېكسپورت مىقدارى كۈنىگە 50 مىڭ تۇڭ ئاشقان. ئامېرىكا چەككىلەنگەن ماي زاپسى بىر مىليۇن 729 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا تۆت ھەپتە تۆۋەنلىگەن، بازاردا 131 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئىدى. گەرچە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى يېقىندا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خام نېفىتى ۋە تەييار ماي ئومۇمىي زاپسى يەنىلا يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىچى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 70 مىڭ تۇڭدىن 9 مىليۇن 423 مىڭ تۇڭغىچە ئازايغان، ئەمما ئۇدا 25 ھەپتىگىچە كۈنىگە 9 مىليۇن تۇڭدىن يۇقىرى بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.