چاۋشىيەن ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى

gulnur 2017-08-10 12:54:08

\


چارشەنبە (8-ئاينىڭ9-كۈنى) نەق مال كۈمۈش باھاسى 16.43 دوللار ئەتراپىدىن بازار ئېچىلىپ، يۇقىرى باھا 16.66 دوللارغا ، تۆۋەن باھا 16.41 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. ھەم 16.62 دوللار ئەتراپىدىن %0.20 ئۆستى.

تىرامىپ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۆز ئارا زەمبىرەك قويۇپ بېرىشى، يەرلىك ۋەزىيەتنىڭ كەيپىياتىنى ئۆرلىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈك سېتىۋېلىش ئەندىزىسى باشلاندى. تىرامىپ سەيشەنبە كۈنى چاۋشىيەنگە ئاگاھلاندۇرۇپ ،« ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن ھەر قانداق تەھدىت« غەزەپ ۋە زەربىنى» كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دىدى. لېكىن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، چاۋشيەن بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكا ئەگەر ئىغۋاچىلىق تۇغدۇرسا، ئۇنداقتا چاۋشىيەن «ئاۋۋال قول سالىدۇ» دېگەن. ھەمدە گۇئامغا زەربە بېرىش پىلانى توغرىسىدا ئەستايىدىل مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چاۋشىيەن چارشەنبە گۇئامغا زەربە بېرىش پىلانىدىكى باشقۇرۇلدىغان بومبىنىڭ «ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى » بىلدۈردى. چاۋشيەن ھەربىي تەرەپ چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ ،كىم جۇڭئىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپلا قالسا، ئارالغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى دىدى.

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.