ئالتۇن باھاسى سەككىز ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

parida 2017-08-10 12:11:09

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئامېرىكا ۋە چاۋشيەن ئوتتۇرسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىشى بىلەن، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ 8 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى، شۇنداقلا ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ پايچەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قەرەللىك ئالتۇننىڭ 30 كۈنلۈك تەۋرىنىش نىسبىتىنى ئۆلچەيدىغان كۆرسەتكۈچ چارشەنبە كۈنى يۇقىرىلاپ ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى.
ئامېرىكا چاۋشىيەن ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى پايچەك بازىرىدىن بولغان شۋىتسارىيە فرانكى، ئامېرىكا زايومى ۋە ئالتۇن قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكىگە يۈزلەندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «ۋەھىمە كۆرسەتكۈچى» بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى) نەق ئالتۇن باھاسى %1.25 ئۆرلەپ، 1275.98 دوللارغا چىقتى، سودا داۋامىدا 6 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا 1278.85 دوللارغا چىقتى.
دانىيە SAXO بانكىسىنىڭ تاۋار ئىستىراتېگىيسىگە مەسئۇل خادىم Ole Hansen نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئېنىقسىزلىق، بازار نۆۋەتتە دەل ئېنىقسىز مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمما كېيىنكى بازار ئەھۋالىدىن كۈزەتكەندە، بازاردا قايتا توقۇنۇش ياكى پايچەك بازىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەرمىسىلا ئالتۇن باھاسى 1295 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرىنىدۇ، ئەمما ئالتۇننىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ھىندىستان ئالتۇن ئىمپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ 7-ئايلىق ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى ئېشىپ 53.4 توننىغا يەتكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان، بۇ يىل 6-ئايدا 72 توننا بولغان، 7~1-ئايغىچە بولغان ئىمپورت مىقدارى 2.5 ھەسسە ئېشىپ، 625.5 توننىغا يەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.