قەرەللىك مال پاي كۆرسەتكۈچى ھەققىدە چۈشەنچە

karima 2015-02-10 17:44:15


\

قەرەللىك مال پاي كۆرسەتكۈچى ھەققىدە چۈشەنچە

قەرەللىك مال پاي كۆرسەتكۈچى بولسا مەخسۇس كىشىلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ باھا خەۋپ- خەتىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن . ھازىرقى زامان ئاكسىيە قوشما نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا پاي چېكى بازىرىنىڭ خەۋپ- خەتىرى سېستىمچانلىق خەۋپ- خەتەر ۋە سېستىمسىز خەۋپ- خەتەر دەپ ئىككى قىسىمدىن بىرىككەن بولىدۇ.

"سېستىمچانلىق خەۋپ- خەتەر " بولسا پۈتكۈل پاي چېكى بازىرىدا ھەر خىل پاي چېكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن خەۋپ- خەتەرنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل خەۋپ - خەتەر بولسا پۈتكۈل بازار مۇھىتى ياكى باشقا ھەرخىل ئومۇمىي ئامىللارنىڭ ئېنىقسىزلىق ئالمىشىشىدىن كېلىپ چىققان .

" سېستىمسىز خەۋپ- خەتەر " بۇ خىل خەۋپ- خەتەر بولسا بەزى پاي چېكى ياكى قىسمەن پاي چېكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى دۇچ كەلگەن پاي چېكى باھاسىنىڭ تەۋرىنىش خەۋپ- خەتىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل خەۋپ- خەتەر بەزى پاي چېكى ياكى قىسمەن پاي چېكىنىڭ ئۈنۈمى ۋە باھاسىنىڭ ھەر خىل قىسمەن ئامىللارنىڭ ئېنىقسىزلىق ئالمىشىشىدىن كېلىپ چىققان .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.