2015-يىلى شىنجاڭدىكى رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپلىرىغا كېڭەيتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

zumrat 2015-02-10 17:42:51

\

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 2015–يىللىق ئىچكىرى ئۆلكە (شەھەر) دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بۇلتۇرقى 10 مىڭ ئاساسىدا يەنىمۇ كېڭەيتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى كېڭەيتىلىدىكەن. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىز 7-قېتىملىق ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ھازىرقى 7000 ئادەم ئاساسىدا يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.