2015-01-28 كۈنىدىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2015-02-10 17:45:24

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1279.7 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1307.63 دوللار ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1272.23 بازار بازار يېپىلىش باھاسى 1294.46 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 94.36 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1293 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز
ئاخشام ئېلان قىلغان ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاز سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار چىققان ، شۇنداقلا ياۋرو چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللار كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىگەن ، شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1297 دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.بۈگۈن بازار بۇ ھەپتىلىك بازار ھالىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدۇ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى نيۇيورك ۋاقتىدا ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئاۋسترالىيە 4 - پەسىللىك CPI يىللىق نىسبىتى ، ئەگەر ئېلان قىلىدىغان CPI سانلىق مەلۇماتىدىن ئاۋسترالىيە پۇل پاخاللىق سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتسە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى چوڭىيىپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .
ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى گېرمانىيە Gfk ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، مۆلچەرچە بۇ سانلىق مەلۇمات ياۋرو يۆلىنىشنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار يىغىنى ، بېيجىڭ ۋاقتى پەيشەنبە سائەت 03:00 دە ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارار نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ .

مەشغۇلات باسقۇچى
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1293-1288 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرەندى . ئاسىيا بازىرىنىڭ 4 سائەتلىك سىزىقى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە 1287 دوللارنى تىەرش نۇقتىسى قىلدى شۇڭا ئاسىيا بازىرىدا 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە قىسقا ئۆرلەشكە ئىلىپ 1290-1297 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1295-1297 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1290-1285 ئارىلىقىدا چىقىرىشقا بولىدۇ ياۋرۇپا نازىرىدا 1285 دوللار ۋە 1278 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. بىر كۈن ئىچىدە 1285 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1280-1278 دوللار ئەتراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ . بىر كۈن ئىچىدە 1305-1303 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ.

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار : 1303-1298 , ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار : 1280-1285 , بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى : 1278-1305
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى : 1272 , بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى : 1307

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.