ھاۋالە پىلان ھۆججىتى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

rabigul 2015-12-12 12:59:54

\

مۇكەممەل ھاۋالە پىلان ھۆججىتى سېتىۋېلىش خەۋپ-خەتەر باياناتى، ھاۋالە قىلىش پىلانىنىڭ چۈشەندۈرمىسى، ھاۋالە توختامى ۋە جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاۋالە قىلىش پىلانىنىڭ چۈشەندۈرمىسى-ھاۋالە شىركىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛ ھاۋالە پىلانى نامى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى؛ ھاۋالە توختىمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى؛ ھاۋالە پىلانىنىڭ ۋاقتى، مۇددىتى ۋە ھاۋالە بىرلىك باھاسىنى تۇنۇشتۇرۇش؛ ھاۋالە پىلانىنىڭ ئاپپاراتنىڭ نامىنى تونۇشتۇرۇش؛ ھاۋالە باشقۇرغۇچى خادىملار ئىسىملىكى ۋە ئانكىت؛ ئادۋوكاتلىق ئورنى بەرگەن قانۇن پىكىرنامىسى؛ خەۋپ-خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنى؛ جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاۋالە توختامىدا تۆۋەندىكى ئىشلارنى يېزىشى كېرەك: ھاۋالە مەقسىتى؛ ھاۋالە قىلىنغۇچى، ساقلاپ بەرگۈچى ئىسىم-فامىلىسى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛ ھاۋالە مەبلەغ پۇل تۈرى ۋە سوممىسى؛ ھاۋالە پىلاننىڭ كۆلىمى ۋە مۆھلىتى؛ ھاۋالە مەبلەغ باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت ئۇسۇلى ياكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ؛ ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ، چىقىم قىلىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى؛ ھاۋالە توختىتىلغاندا، ھاۋالە مال-مۈلۈكنىڭ تەۋەلىكى ۋە تەقسىمات ئۇسۇلى؛ ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەر ھوقۇقى، مەجبۇرىيەت؛ مەنپەئەتدار يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، قارالمىلىرى، ئۇنى ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى ۋە قائىدىسى؛ ھاۋالىگە ئالاقىدار تەرەپلەر پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.