ئالتۇن بازىرىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتىلار

karima 2015-12-12 13:51:52

\


ئالتۇن بازىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ھەر قايسى مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىسىدىكى مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار خەۋەرلەر تېخى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، كۆپ ساندىكى ئۇچۇرلار دۆلەت سىرتىدىن كىرگەن. لېكىن ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇش چوڭ دائىرلىك بولۇپ بۇجەھەتتىكى سەھىپىلەرمۇ مۇقۇم ئاستا- ئاستا ئاشىدۇ.

ئەمما نۇرغۇن چوڭ خېرىدارلار ئۆسەك سۆز تارقىتىشقا ئامراق بولۇپ، ئاخبارات ۋاستىلېرىدىن پايدىلنىپ سودا قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىگە يېتىدۇ.شۇڭا بىز چوقۇم بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن سەگەك بولۇپ،ياخشى ئۇچۇرلاردىن پايدىلنىشىمىز لازىم.تۆۋەندە بىر قانچە نۇقتىلاردىن ئۇچۇرلارغا نىسبەتەن تەھلىل يۈرگۈزىمىز:

1. تەھلىلنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولىشى

ياخشى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىلەر ،ھەر بىر بازارنىڭ يۆلىنىشىنى تەھلىل قىلغاندىن سىرت ، يەنە قىممەت مېتال بازار باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەت، ئىقتىساد ۋە تەمىنلەش- ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللارنىمۇ تەھلىل قىلىدۇ. ئالتۇن بازىرى بولسا دۇنيا خاراكتىرلىق بازار بولۇپ، 24 سائەت پۈتۈن كۈن توختىماستىن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ، بازارنىڭ ئۆزىمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەبچى بولدىغان ئامىل. ئەگەر پەقەت بىرلا رايوننىڭ ئالتۇن بازىرىغا تەھلىل يۈرگۈزۈلسە ،بۇنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تەبئىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ئالتۇن تاشقى پېرۋوت ھەققىدىكى تەھلىل ، دۇنيا نۇقتىنەزەرنى ئاساس قىلىپ قىلىندىغان تەھلىلنى ، ناۋدا پەقەت شىياڭگاڭ بازىرىنىلا تەھلىل قىلسا ، دوللارنىڭ پېرۋوت باھا يۈلىنىشى، ئۆسۈم نىسبىتى ھالىتى قاتارلىق ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا سەل قارىغان بولىدۇ.

2. سۆز- ئىبارىلەرنىڭ ئېنىقلىقى

بەزى ئالتۇن بازىرىنى تەھلىل قىلغۇچىلار، كەسپىي سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولىدۇ، لېكىن ئۇقۇرمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى كەسىپ ئەھلى ئەمەس ، پۈتۈن ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن پەقەت ئازراق بىر قىسمىنىلا چۈشىنەلەيدۇ. نۇرغۇن سۆز- ئىبارىلەر ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئېنىق نۇقتىئىنەزەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، بۇ ئوقۇرمەنلەرگە غۇۋا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرىقىدەك ماقالىلەرگە پەرۋا قىلمىسىمۇ بولىدۇ ، بۇلار كۆرۈشكە ئەرزىمەيدۇ.

3. مۇھاكىمە كۆز- قارشى

بىر تەھلىل قىلغۇچى،گەر چە بازارنى خاتا كۆرگەن بولسىمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ قايىل بولىشغا ۋە ئەپۇ قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. نىمىلا بولمىسۇن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاددىي بىر ئىنسان، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئالدىن پەرەز قىلىپ بولىشى ناتايىن.يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىقى بولغان ھەر قانداق خاتالىقنى يوشۇرۇش قىلمىشى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن بازار تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق پوزىتسىيسىگە ئۇزۇن مەزگىللىك تەپسىلىي كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ ،ئاندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىلنىش ماتىرىيالىنىڭ مەنبەسىنى تاللاش كېرەك. ئاندا - ساندا بازارنىڭ يۆلىنىشىنى توغرا پەرەز قىلىۋېلىپلا داۋراڭ سېلىپ؛ سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە ماقالىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قويغاندا،بۇنداق مۇھاكىمە ماقالىلەر كىشىلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئالتۇن تەھلىل قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتى بولسا ئالتۇن بازىرىدا پايدىلنىشقا بولىدىغان ماتىرىياللارنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئەتراپلىق ئانالىز قىلىپ بېرىدۇ ۋە خەۋەر بېرىدۇ.

4. قۇرۇلمىچانلىقى

مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن بازار مۇھاكىمە تەھلىلىنى ئوقۇغاندا ، ئاساسلىق مەقسىتى ئالتۇن بازىرىنىڭ بازار ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىش بولۇپ، ماقالىدىن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئالتۇننىڭ قىسقا مەزگىلدىكى يۆلىنىشىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياخشى ماقالىلەردە ، يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆز- قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك، ياخشىنى ياخشى، ناچارنى ناچار دەپ ئېلىش.رەسىملىك تەھلىلنىڭ ئوبىكىتلىق نەتىجىسى ، ھەممىسى ئېنىق ئوچۇق بولۇشى مۈجمەل بولۇپ قالماسلىقى لازىم . ئېنىق قىلىنغان مۇھاكىمە ئاندىن قۇرۇلمىلىق ، كېرەكلىك مۇھاكىمە بولىدۇ.

5. ۋاقىت

بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ھەقىقەتەن بىلىملىك ، تەجرىبىلىك بولۇپ ، لېكىن بىر ھەپتىدە پەقەت بىردىن - ئىككى قېتىمغىچە كۆرگىلى بولدىغانلىقى ۋاقىت چەكلىمىسى سەۋەبلىك بىۋاستە ئوقۇرمەنلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلغىلى بولمايدۇ، ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.چۈنكى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن بازىرىدا ئېھتىمال چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولىشى مۇمكىن. ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق گەرچە يۇقىرى كۆرۈلۈش ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ماتىرىيال ۋە سانلىق ئۇچۇرلار ئېھتىمال ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ، بۇنداق بولغاندا پايدىلنىشچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تېلفۇنلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالتۇنغا ئانالىز يۈرگۈزگەندە ۋاقىت جەھەتتە چوڭ ئارتۇقچىلىققا ئىگە.

6. ئانالىز ئەمەلىي مىساللېرى
پايچېك بازىرى ۋە دوللارنىڭ ئاجىز بولىشى، 2002 - يىل 7 - ئاينىڭ 8- كۈنى نيورۇك تاۋار سودا مەركىزى8- ئايلىق قەرەللىك ئالتۇن يېپىلىش باھاسى1.20 دوللار ئېشىپ، 312.5 دوللار بولغان. 1.20 دوللارلىق ئېشىش دائىرسى ئالتۇننىڭ 7- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى چۈشۈشتىن كېيىن كىچىك دائىرىدە ئۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ؛لېكىن دوللارنىڭ چۈشۈشى 5 كۈندىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ، پايچېكى بازىرىمۇ داۋالغۇشتىن كېيىنكى چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرگەن، 8- ئايلىق قەرەللىك ئالتۇن ئۆسۈش دائىرسى چوڭ ئەمەس بولۇپ، سودىگەرلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۈمۈدسىزلەنگىنىنى ئىپادىلىگەن. بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا 8- ئايلىق قەرەللىك ئالتۇن پەقەت 310 دوللاردىن 316 دوللار ئوتتۇرسىدا تەۋرىنىدۇ دەپ قارىغان، سودىگەرلەر ئامېرىكا ئىقتىساد ئەھۋالىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىشىنى كۈتىۋاتقان بولۇپ، شۇنداقلا شىركەت بۇغالتىرلېرى سېستىملاشتۇرۇش ئىشلېرىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. سودىگەرلەرنىڭ قارىشىچە ،نۆۋەتتە كۆپچىلىك بازار كۆزىتىش ھالىتىدە بولۇپ، دوللار ۋە پايچېكى بازىرىنىڭ يۆلىنىشىنى كۈتمەكتە. مۇھاكىمىدە دوللار داۋاملىق چۈشىدۇ دەپ قارىغان، شۇنىڭغا ئاساسەن ئالتۇن يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، پايچېكى بازىرىنىڭ تېخمۇ ئاجىزلىشىشى كېرەك ، شۇڭا سودىگەرلەر بۇغالتىر سەتچىلىكى قاتارلىق ئىشلارنىڭ پايچېكى بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.