تاشقى پېرېۋوتتىن پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؟

rabigul 2015-12-12 12:38:02

\

1.سەۋىرچان بۇلۇش. مەيلى تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا دەسلەپكى مەزگىلدە بازار بېرىپ تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ سودا تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، ياكى مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى سودا پۇرسىتى پەيدا بولىشىنى كۈتۈش، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چىدامچانلىقنى ھازىرلىشىغا ئېھتىياجلىق.

2.سودا قىلغاندا قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش زۆرۈر، ئوخشاشلا پۇل-مۇئامىلە سودىسىدىمۇ سودا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك، بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، سىز چوقۇم بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك. سودىدا ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلسا بولمايدۇ، ھاياجانلانماسلىق، قايسى ۋاقىتتا سودا قىلسا بولدۇ، قايسى ۋاقىتتا سودا قىلسا بولمايدۇ بۇ نۇقتىنى ئوبدان چۈشىنىۋېلىش كېرەك.

3.سودا ئويلىنىشقا تېگىشلىك. پۇل-مۇئامىلە سودىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بەزى ياخشى ئادەتنى چوقۇم نۇرغۇن قېتىم سودا قىلىش ئارقىلىق ئاندىن يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، پۇل-مۇئامىلە سودىسىدىكى بەزى ئادەتلەر سىزنىڭ سودا قىلىشىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدۇ، شۇڭا سى چوقۇم تەڭشىشىڭىز كېرەك.

4.سودىدا سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشىڭىز زۆرۈر. سودىدا ھاياجانلىنىش، پەلىپەتىش، كىچىككىنە بىر خاتالىق بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ ھېساباتىڭىز قانداق قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. پىشاڭلىق سودىدا ئازراقمۇ ھاياجانلىنىشقا بولمايدۇ، شۇڭا سودىدا تەمكىن بولۇش كېرەك.

5.سودىدىكى خاتالىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار ، ياخشى بولغان تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا مەبلەغ سالغۇچىلار پۈتۈنلەي-خەتەردىن ۋە زىياندىن ساقلانغىلى بولدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خاتا قاراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا مەغلۇپ بولۇش سودا جەريانىدا مۇقەررەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئاچقۇچلۇق يېرى شۇكى، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ مەغلۇبىيەت ئىچىدىكى سودىغا ئۆزىنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كىرگۈزۈپ، ئۇ سودىدا ئۆزىگە ئېلىپ كېلىدىغان بەك چوڭ زىياندىن ساقلىنىش، ھەمدە ئۇنىڭدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىش كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.