كۈمۈش ۋە پىلاتىنانى قانداق پەرقلەندۈرىمىز ؟

zumrat 2015-02-10 16:41:02
.1 بەلگىسىگە قارايمىز: زىننەت بۇيۇملارغا دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە بەلگە قويىلىدۇ. ئەگەر زىننەت بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدە PT ياكى PLATNUM ۋە ياكى PLAT دىگەن خەتلەر بولسا پىلاتىنا بۇلىدۇ. ئەگەر S ياكى SILVER دىگەن خەتلەر بولسا كۈمۈش بۇلىدۇ.

.2 ئېغىرلىقىنى ئۆلچەيمىز: پىلاتىنانىڭ ئېغىرلىق نىسبىتى 21.4 ،كۈمۈشنىڭ بولسا 10.49 بۇلىدۇ. ئوخشاش ھەجىمدىكى پىلاتىنا كۈمۈشتىن بىر ھەسسە ئېغىر بۇلىدۇ، ئادەتتە قول بىلەن دەڭسەپ كۆرسەكلا ئىككىسىنى پەرق ئىتەلەيمىز.

.3 سىرتقى كۆرىنىشى ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسىگە قارايمىز: پىلاتىنانى تەپسىلى كۆزەتسەك كۈلرەڭ ئارىلاش يورۇق ئاق رەڭنى كۆرىمىز، يۈزى قاتتىق بولۇپ يىڭنە مىخ بىلەن سىزىشمۇ تەس بۇلىدۇ، قاتتىقلىق دەرىجىسى 4.3بۇلىدۇ. كۈمۈشكە قارىغىنىمىزدا بولسا پاكىز ئاق رەڭنى كۆرىمىز، يۈزى سىلىق ۋە سىپتا بۇلۇپ ئوكسىدلانغاندىن كىيىن كۈل رەڭ ياكى قارامتۇل رەڭگە كىرىدۇ. قاتتىقلىق دەرىجىسى 2.7 بۇلۇپ پىلاتىنادىن خېلى يۇمشاق.

.4 ئوتتا كۆيدۈرىمىز: پىلاتىنا يۇقىرى گىرادۇسقا چىداملىق بۇلۇپ ئېرىش نۇقتىسى 1770 كە يېتىدۇ، ئادەتتىكى كۆيدۈرۈشلەرگە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ، مۇزلىغاندىن كىيىن رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ. كۈمۈشنىڭ ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن، يۇقىرى گىرادۇستا كۆيدۈرۈلگەندىن كىيىن كۈمۈش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ قىزىل، قارا ياكى تۇم قارا رەڭگە كىرىدۇ.

.5 خىمىيىلىك تەكشۈرۈشكە بۇلىدۇ: پىلاتىنانىڭ خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى تولىمۇ تۇراقلىق بۇلۇپ چىرىتىشقا چىداملىق، ھەرقانداق كىسلاتا ۋە ئىشقارلار بىلەن رىئاكسىيە قىلمايدۇ. كۈمۈش بولسا كۈچلۈك كىسلاتالارنىڭ چىرىتىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.