قانداق كىشىلەر ھاۋالە فوندىغا مەبلەغ سالسا بولىدۇ؟

karima 2015-02-10 16:50:40
  • \

    ھاۋالە فوندىنى سېتىۋالغان مەبلەغ سالغۇچىلار بىلىدۇ، ھاۋالە فوندى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام تەلەپلەرگە ئاساسەن ، پەقەت تەلەپلەرگە ماس كەلگەن لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارلا ھاۋالە فوند مەھسۇلاتىنى سېتىۋالالايدۇ، ئۇنداقتا بۇ لاياقەتلىك سالاھىيتى قانداق بېكىتىلدۇ؟

    بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئۈچ شەرت قۇيۇلىدۇ: 1. بىر ھاۋالە فوند پىلانىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولىشى ، قانۇنىي شەخس ياكى قانۇن ئاساسىدا قۇرۇلغان باشقا تەشكىلاتلار قاتناشسا بولىدۇ؛ 2. شەخس ياكى ئائىلە پۇل مۇئامىلە مۈلكى يىغىندىسى 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن يۇقىرى بولىشى ، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مال- مۈلۈك ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك؛ 3. شەخىشنىڭ كىرىمى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ھەر يىللىق كىرىمى 200مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن يۇقىرى بولغان ياكى ئەر- ئايال ئىككى تەرەپنىڭ يىغىندى كىرىمى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ھەر يىللىق كىرىمى 300مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن يۇقىرى بولىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىرىم ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك. مەبلەغ سالغۇچىلار پەقەت يۇقارقى تەلەپلەردىن بىرسىگە ماس كەلسە ،ھەمدە ھاۋالە فوند پىلانىغا نىسبەتەن پەرقلەندۈرۈش ، ھۆكۈم قىلىش ۋە خەۋپ- خەتىرىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى بولالايدۇ ، ھەمدە ھاۋالە فوند مەھسۇلاتى سېتىۋالالايدۇ .

    ئەسكەرتىش : يۇقارقىسى دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ كۆلەمدىكى ھاۋالە فوند پىلانىغا قارىتىلغان تەلەپ ، شىركىتىمىزنىڭ ھاۋالە فوند مەبلەغ سېلىش ئەڭ تۆۋەن چىكى 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.