زادى نىمە سەۋەپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۈمۈشكە شۇنچە جەلپ قىلىۋاتىدۇ

zumrat 2015-02-10 16:39:35

يېقىندا كۈمۈش كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدىكى چوڭ تەڭشىلىشتىمۇ بۇخىل قىزغىنلىق سوۋۇپ قالغىنى يوق. زادى نىمە سەۋەپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۈمۈشكە شۇنچە جەلپ قىلىۋاتىدۇ؟

كۈمۈش بازىرىدىكى داڭلىق تەھلىلچى تىئادور باترىلنىڭ ئېيتىشىچە، كۈمۈشنىڭ ئىستىمالى، كۈمۈش ۋە ئالتۇننىڭ ساقلانما زاپىسى چوڭ دەرىجىدە ئۆزگەردى،ھازىرقى باھادا كۈمۈش سېتىۋېلىش خۇددى پىت بازىرىدىن داڭلىق رەسىم سېتىۋالغاندەكلا ئىش. 70 يىل بۇرۇن كۈمۈش ساقلانما زاپىسى ئالتۇننىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر ئىدى، ھالبۇكى -2009يىلىغا كەلگەندە كۈمۈش زاپىسى ئالتۇننىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىپ قالدى. ھازىر ئالتۇن ئومۇمى ساقلانما زاپىسى 5مىليارد ئۇنسىيە، كۈمۈش بولسا 1 مىليارد ئۇنسىيە.

ھازىرقى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەلگۈسى 8 يىل ئىچىدە ھازىرقى كۈمۈش زاپىسى ئىشلىتىلىپ بولىدىكەن. ھازىرچە مەلۇم بولغان كۈمۈش كانلىرىمۇ 14 يىل ئىچىدە قېزىپ تۈگىتىدىكەن، ئەڭ ئۈمىدۋار بولغاندىمۇ 20 يىلدا تۈگەيدىكەن.

كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە كۈمۈشنىڭ باھا تەۋرىنىش سىزىقى ئالتۇندەك كىشى كۆڭلىنى لەرزىگە سالالمايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. دۇنيا كۈمۈش باھاسى -1980يىلى چاپ-چاپ بازاردا 41.50 دوللار/ئۇنسىيەگە چىققاندىن كىيىن 20 يىللىق كاسات بازارغا قەدەم قويدى. بۇ قېتىملىق ئۆسۈش -2001يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاندى، شۇ ۋاقىتتىكى 4 دوللار\ئۇنسىيەلىك بازاردىن ھازىرقى 35.24 دوللار/ئۇنسىيەگە يېتىپ كەلدى. ھەرخىل ئامىللار كۈمۈشنىڭ دۇنيا مەبلەغ سېلىش سەھنىسىدە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. كۈمۈش ئاللىقاچان دۆلەت ئىچىدىكى كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئورناپ كەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.