ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسلىق ئۈچ باسقۇچ

zumrat 2018-12-14 17:41:36

\

ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودىسىدا ، ئەڭ ئاساسلىق ئۈچ باسقۇچ بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى قەدەمدە باھا يۈزلىنىشىنى بايقاش ، ئىككىنچى قەدەمدە قىلىدىغىنىمىز بازارغا كىرىش تاكتىكىسىنى بېكىتىش ، ئەڭ ئاخىرقى بىر باسقۇچ خېيىم خەتەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.

باھا يۈزلىنىشىنى بايقاش

ئالتۇن سودىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئومۇمىي بازار ئەھۋالىنى يۈزلىنىشىنى يۆنىلىشىنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يۈزلىنىشنىڭ مۇھىم بولىشىدا چۈنكى ئۇ سىزنىڭ سودىدا بازارغا قاندا يۆنىلىشتە كىرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئادەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشنى بايقاشتا كۆپ ساندىكى سودا قىلغۇچىلار ئاساسىي يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى ياكى تېخنىكىلىق ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىش بولسا ، بۇ چاغدا ئۆسۈشكە ئېلىشنى تېخىمۇ كۆپ ئويلىشىمىز، ئەكسىچە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى بولسا چۈشۈشكە مال ئېلىشنى ئويلىشىمىز. ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئەگەر سىز ئالتۇن باھاسىنىڭ روشەن يۈزلىنىشى بايقىمىغان بولسىڭىز، سودىغا كىرمەي بازار كۆزىتىش بەلكىم ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

بازارغا كىرىش تاكتىكىسىنى بېكىتىش

ئىككىنچى قەدەمدە قىلىدىغىنىمىز بازارغا كىرىش تاكتىكىسىنى بېكىتىش، ئومۇمەن ئالغاندا سودا قىلغۇچىلار بازارغا ئەڭ تۆۋەن باھادىن سودىغا كىرىشىنى تاللىسىمۇ ياكى، بۆسۈش نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن بازارغا كىرىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ نىشانىمىز ئېنىق بولىدۇ، سودىغا خالىغان ۋاقىتتا كىرىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

خېيىم خەتەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش

سودا قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ مەبلىغىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن مال سانىنى ۋە ھەر بىر قېتىملىق سودىنىڭ زىيان نۇقتىسىنى توغرىلاشنى بېكىتسە بولىدۇ، ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن يېنىك ھالەتتە يەنى مالنىڭ سانىنى مۇۋاپىق قىلىپ سودا قىلىشى كېرەك، ھەمدە بىر قېتىملىق سودىنىڭ زىيىنى ئەسلى مەبلەغنىڭ 3%تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇنداق بولغاندا، سىز مەلۇم بىر قېتىملىق سودىدا زىيان تارتىپ قالسىڭىز يەنىلا ئەسلى مەبلىغىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ساقلاپ قالالايسىز، كېيىنكى قېتىملىق سودىغا تەييارلىق قىلىپ زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۋالغىلى بولىدۇ. سودىدا مالنىڭ سانىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش زىياننى تەڭشەش ئەڭ مۇھىم.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.