نېفىت باھاسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ يۇقىرى باھالارنى شەكىللەندۈردى

kudret 2018-12-14 18:10:25

\

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 1‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.43 دوللار ئۆرلەپ، 52.58 دوللار\باك بولدى. برېنت 2‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.30 دوللار ئۆرلەپ، 61.45 دوللار\باك بولدى. خەلقئارا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى EIA نىڭ ئايلىق دوكىلاتىنىڭ پايدىلىق تەسىرى ھەم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشى نېفىت باھاسىغا كۈچلۈك تىرەش ئېلىپ كەلدى، بىراق دوللار باھاسىنىڭ 97 دوللاردىكى باھانىڭ يۇقىرىسىدا بولىشى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە نېاىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراتتى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 53.07 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 61.99 دوللار\باك بولدى.
پەيشەنبە كۈنى كەچ نېفىت باھاسى كۈچلۈك بېسىم بىلەن بىرلىكتە يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىدى، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى 2.8% ئۆرلەپ، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭمۇ ئۆرلەش نىسبىتى 2.16% يەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەرەللىك نېفىت ئېكىسپورت قىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەم EIA ئايلىق دوكىلاتىنىڭ ئۈمۈدۋار بولغان مۆلچەر ئەھۋالى نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىگە كۈچلۈك تىرەش ئېلىپ كەلدى. نېفىت باھاسى بىر مەھەل 53 دوللاردىكى نۇقتىنى بۇزۇپ داۋاملىق يۇقىرىغا قارىدى. تېخنىكىلىق يۈز جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن ئاستىلىشىپ كەتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.