كەچتە مۇھىم سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنىدۇ

rabigul 2018-12-14 16:51:44

\

12-ئاينىڭ 13-كۈنى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى دەر ۋەقە بازاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلدى، مەركىزى بانكا باشلىقى دېلاجى يەنە بىر قېتىم ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، دېلاجىنىڭ تەمكىن ئىپادىسى تەسىرىدە ياۋرو قىسقا ۋاقىت تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى، دوللار كۈچەيدى، ئەمما ئالتۇن باھاسىمۇ بېسىمغا ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن سىرت، سەيشەنبە كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا " قايتا-قايتا سوئال قويۇپ" ، قايتا ئۆسۈم قوشماسلىقىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈن كەچتە بازار يەنە ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىمۇ كەچتىكى بازار ئەھۋالدا تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ياۋرو \ دوللار پېرېۋوت باھاسىنىڭ تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى بىلەن دوللار كۆرسەتكۈچى قايتا ئۆرلىدى، بۇمۇ ئالتۇن باھاسىنى بېسىمغا ئۇچراتتى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو ئامېرىكا سودا جىددىي ۋەزىيىتى قارىماققا پەسەيگەن بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئاجىزلاپ كەتتى دەپ قارايدۇ.

بۈگۈن كەچتە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:30 دا، ئامېرىكا 11-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى كۈچلۈك چىقسا، دوللارنىڭ كۈچىيىشىدە ئۈمىد بار، ئەمما ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.