2017-يىلى5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-05-15 10:56:52

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە( 5-ئاينىڭ15-كۈنى )ئاسىيا بازىرىدا ئالدىنقى كۈندىكىدىن ئۆرلەپ 1228دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى.بۇنىڭ سەۋەبى بولسا يەكشەنبە(5-ئاينىڭ14-كۈنى)چاۋشىيەن يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلىپ جىددىي ۋەزىيەتنى تېخمۇ كەسكىنلەشتۈرگەن.جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ12-كۈنى)ئامېرىكا پارچە سېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئادەتتىكىچە بۇلۇپ دوللار كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ ئالتۇن باھاسى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا 1231.93 دوللارغا چىققان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇدا ئۈچ كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى نوقتىنى كۆرسەتكەن .دۈشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلىدىغىنى ياۋرۇپا ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1224‏-1231.7 دوللار ئارىسىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى .دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىز ئالتۇننى 1230‏-1232دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە 1220‏-1222دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىىمىز دىگەن ئىدۇق. 1228دوللار ئەتراپىدىن مال ئېلىشقا پۇرسەت بەردى .بۇ ماللارنى 1225دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى.كەچ تەرەپتىكى ئامېرىكا بازىرىدا بىز يەنە 1232‏-1236دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دىگەن ئىدۇق.ئەڭ يۇقىرى باھا 1231 دوللار غىچە چىقىپ مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى.ئەگەر1231دوللار ئەتراپىدىن مال ئالغانلار بولسا 1228 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى .ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بۇيىچە سودا قىلغاان بولساق 3‏-8 دوللارغىچە پايدا بولغان بۇلىدۇ

2. ئالتۇننى بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئالىمىز. شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛


بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1230_1236

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.