2017-يىلى 5-ئاينىڭ15-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-05-15 10:40:36

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە (5-ئاينىڭ15-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازار ۋاقتىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى 16.51 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ھەم بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى.ئالدىنقى جۈمە (5-ئاينىڭ12-كۈنى) ئامېرىكا پارچە سېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغانلىقتىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچىسى نىيوروك ۋاقتىدا چۈشۈپ كېتىپ، كۈمۈش باھاسىنىڭ %1 ئۆرلىدى، ھەم يۇقىرى باھا 16.49 دوللار ئەتراپىغا چىقتى. دۈشەنبە كۈنى كەچتە مەبلەغ سالغۇچىلار نىڭ دىققىتى ياۋروپا - ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئالدىنقى جۈمە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى 16.48-16.24 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. جۈمە كۈنى بىز ئەتىگەنكى تەھلىلدە كۈمۈشنى 16.50-16.45 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16.25-16.30 گىچە كۆرىمىز، زىيىنى 16.60 گىچە تەڭشەيمىز دېگەن ئىدۇق، ئەتىگەنلىك بازار ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى 16.40 دىكى باھالارغا كېلىپ چۈشۈشكە مال ئېلىشقا بولىدىغانلىقىغا ئەسكەرتىش بەردۇق، ھەم ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن چۈشۈشكە ئالغان مال بىرىنچى پايدا رايونىغا يەتتى. ئەگەر تەھلىل بۇيىچە سودا قىلغان بولساق 10 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىز يەنە كەچ تەرەپتە كۈمۈشنى 16.45-16.50 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 16.30-16.35 گە تەڭشەيمىز دېگەن ئىدۇق، كەچلىك بازاردا چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى.

2.بۈگۈن كۈندۈزدىكى بازاردا كۈمۈشنى كۆزىتىشىنى ئاساس قىلىمىز؛ تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10531.96

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:16.40
ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.