2025-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_1 2025-03-12 13:31:59

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە ( 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا نەق مال ئالتۇن 2917.24 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولدى. بىر كېچىدىلا ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللارغا يېقىن ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2922.09 دوللار/ئۇنسىيەگە چىققان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تۇنجى قېتىم قىممىتى 150 مىليارد دوللارغا يېقىن بولغان مېتال ھاسىلىي مەھسۇلاتىنى باج ئېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇ تەدبىر كەسىپ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سودا مۇناسىۋىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بازارنىڭ ئالتۇندىن ساقلىنىشقا بولغان ئېھتىياجى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەن.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا 2894 ۋە 2897 دىكى باھالاردا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، توسالغۇدىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2887-2880 ئارلىقىدىكى باھالارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ھەمدە تۇنجى قېتىم 2880 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2880-2890-2900 ئارلىقىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، باھا 2900 ئەتراپىغا چىقىپ چۈشۈشكە ئېلشقا پۇرسەت بېرىپ پايدا رايۇنىغا پۇرسەت بەرمىدى، تەھلىل بويىچە 2897 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ 2892 ئەتراپىدىن چىقارساق 5 دوللار پايدا شەكىللەندى؛ باھا 2880 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمەي ئۆسۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى؛
2.بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى 2923، 2930، 2937، 2941، 2946، 2950
تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 2910، 2907، 2904، 2898، 2890، 2888

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.