-2025يىلى3- ئاينىڭ -12 كۈندىكى كۈمۈش سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-03-12 13:12:42

\


ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە ( 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا نەق مال كۈمۈش 32.80 ئامېرىكا دوللىرى/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولغان. بىر كېچىدىلا ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللارغا يېقىن ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2922.09 دوللار/ئۇنسىيەگە چىققان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، تۇنجى قېتىم قىممىتى 150 مىليارد دوللارغا يېقىن بولغان مېتال ھاسىلىي مەھسۇلاتىنى باج ئېلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇ تەدبىر كەسىپ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەننەرخىنىڭ ئېشىشىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سودا مۇناسىۋىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بازارنىڭ ئالتۇندىن ساقلىنىشقا بولغان ئېھتىياجى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشنى 32.20 دىكى توسالغۇنى بۇزالمىغان ئەھۋالدا چۈشۈشكە ، 31.85-31.90 دىكى تىرەشنى بۇزالمىغان ئەھۋالدا ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن، 32.18 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ 32.00 ئەتراپىدىن چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى ، ئومۇمەن ئاسىيا ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈشتىن 18 دوللار پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى دەرىسلىك سالونىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى؛13539.91

يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى؛ 32.84,32.90,33.0,33.10,33.20,33.40

تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى؛ 32.67,32.45,32.20,32.0,31.90

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.